شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى» سەرلەۋھەلىك چاتما خەۋىرىمىز قاتارىدا بېرىلىدۇ.
مەزكۇر شاھىت خىتاي تارقىتىۋاتقان «ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ ياشىماقتا، پاسپورت ئېلىش، ساياھەت قىلىشىغا يول قويۇلدى» دېگەندەك تەشۋىقاتلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، ئىزچىل تۈردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى يوقىتىش» قاتارلىق ناملاردىكى تېررور سىياسىتى ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خەلقنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا داۋاملىق سولاۋاتقانلىقىنى، خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە پاسپورت بېرىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋىزىسىز ساياھەتكە چىقالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىي ئىجراسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت، سەپەر ئەركىنلىكىنىڭ ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ ئەركىنلىكىدىن داۋاملىق مەھرۇم قالدۇرۇلغان. بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ 2016-يىلى يىغىۋېلىنغان پاسپورتلىرى تېخىچە قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن. پاسپورت بېرىلگەنلەرمۇ پەقەت كومپارتىيە ئەزالىرى ئىكەن.
شاھىت بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەن بىر قانچە قېتىم پاسپورت بېجىرىش ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ: دۆلەت پاسپورت بېجىرىشنى يولغا قويۇپتۇ، قازاقىستانغا ساياھەتكە چىقاي دەيمەن. دۆلەت قازاقىستانغا ۋىزىسىز ساياھەتكە بېرىشنى يولغا قويۇپتۇ، ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ پاسپورتۇمنى يىغىۋالغانىدى، ئەمما ۋاقتى توشۇپ قالغانىدى، باشقا پاسپورت بېجىرىپ قازاقىستانغا ساياھەتكە چىقاي دېگەنىدىم، دېدىم. ئۇلار: سەن قايسى مىللەتتىن؟ دەپ سورىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئېيتقىنىمدا ئۇلار: ئۇنداق بولسا سېنىڭ ئىشىڭنى قىلىش قىيىن، دەپ جاۋاب بەردى» دېدى.
شاھىت يەنە پاسپورت بېجىرىدىغان ئورگاننىڭ خىزمەتچىسىگە: «بارلىق خەلققە پاسپورت بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نېمە ئۈچۈن ماڭا بەرمەيسەن؟» دەپ سورىغان. خىزمەتچى ئۇنىڭغا: «مېنى تەڭلىكتە قويما» دەپ تۇرۇۋالغان.
شاھىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاسپورت بېرىلىپ ساياھەت قىلىش نامىدا چەت ئەلگە چىققان ساناقلىق ئۇيغۇرلار خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىكى خادىملار ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان كىشىلەر ئىكەن. ئەمما ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ نورمال تەرىقىدە چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويۇلمىغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق خەلقى بولغان ئۇيغۇرلار تۇرمۇش، سودا، ئوقۇش، ساياھەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ساناپ تۈگەتكۈسىز، قاتتىق توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا «ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، ھەق-ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دەپ بىلجىرلاشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىزچىل ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلارنىڭ ئەمەلىي ئىسپات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ