ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن جازا تاموژنا بېجى ئېلىشنى پىلانلاۋاتقان بولسىمۇ، گېرمانىيە بۇ تەدبىرگە قارشى چىقماقتا.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 28-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى (G7) مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى كىرىستيان لىندنېر G7 بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجىراسىنى پەسەيتىشكە كۈچىگەن بولۇپ، بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىگە بولغان تەسىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
لىندنېر بۇ ھەقتىكى سۆزىدە تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە ئادالەتسىز قىلمىشلارغا قارشى چوقۇم جاۋاب بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇ سەۋەبلىك ئەركىن ۋە ئادىل خەلقئارا سودىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كېرەكلىكىنى، سودا ئۇرۇشىدا پەقەت مەغلۇپ بولغۇچى بار، ئۇتقۇچى يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى دادىل ھالدا خىتايغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
فىرانسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى بۇ ھەقتە: «خىتاينىڭ سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك، ياۋروپا ئاپتوموبىل سانائىتىنى خەتەرگە ئىتتىرىشكە يول قويۇلمايدۇ» دېگەن.
گېرمانىيە «يۇلتۇز» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا دېيىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا توسۇقلىرى ئارقىلىق ياۋروپا سانائىتىنى خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلىپ، گېرمانىيە شىركەتلىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتكەن. خىتايدىن كەلگەن نۇرغۇن توكلۇق ئاپتوموبىللار ئىچىدە گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرىمۇ بولغاچقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا توسۇقلىرى گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتىنى تالاش-تارتىشقا سۆرەپ كىرگەن، شۇنداقلا ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
گېرمانىيە رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سودا توقۇنۇشى سەۋەبلىك، بازارنى توسماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ