خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن بولۇپ، تونۇلغان بىر قىسىم تور چولپانلىرىنىڭ ھېسابىنى تاقىۋەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28-ماي خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي قاتتىق چەكلىمە، نازارەت ئاستىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي تەكشۈرۈش ئورگانلىرى داڭق چىقارغان بىر تۈركۈم تور چولپانلىرىنىڭ ھېسابىنى تاقىغان.

خىتاينىڭ تېڭشۈن، دوۋيىن، ۋېيبو، شياۋخوڭشۇ، كۇەيشو ۋە بىلىبىلى قاتارلىق بىر قانچە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىرلا ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا «ھۇزۇر-ھالاۋەتنى كۆز-كۆز قىلىش، باي بولۇش چۈشى كۆرۈشكە ئوخشاش ساغلام بولمىغان مەزمۇنلار»نى تارقىتىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالاھىدە قىممەت كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن داڭق چىقارغان، نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسى بولغان بىر قىسىم ھېسابلار «قائىدە-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن چەكلەنگەن. باشقا بىر قىسىم تور چولپانلىرىمۇ تور دۇنياسىدىن غايىب بولغان.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كونتروللۇقى ۋە باستۇرۇشلىرى يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ ماڭغان بولۇپ، تۈرلۈك ناملار بىلەن «تازىلاپ» كەلمەكتە. بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى، تۇرمۇش ناچارلىشىۋاتقان ۋە قىيىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى تور دۇنياسىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى كۆز-كۆز قىلىدىغان مەزمۇنلار سەۋەبلىك، پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1541 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2024 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق