شەرقىي تۈركىستانغا ئىككى كۈنلۈك «تەكشۈرۈش» ئۈچۈن بارغان خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى داۋاملىق باستۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىپ، «زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنىيلاشتۇرۇش»، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» دېگەن ئىبارىلەرنى قايتا تەكىتلەپ بىلجىرلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ 22-مايدىن 26-مايغىچە شەرقىي تۈركىستاننى «تەكشۈرگەن».
چېن ۋېنچىڭ بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاتتىق باستۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ جار سالغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن ۋېنچىڭ ئىككى كۈن جەريانىدا قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە 4-دىۋىزىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنى تەكشۈرگەن. چېن ۋېنچىڭ يەنە تاشقورغان، قورغاس چېگرا رايونىغا بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە غۇلجىدا ئاتالمىش «قىسمەن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» ئېچىپ، زور خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىنغان، سانسىزلىغان كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى قايناق بازارلار، كوچىلار چۆلدەرەپ قالغان بۈگۈنكى مەزگىلدىمۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش»نى قايتا تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ ئىلگىرى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالمىغان ياكى ئۆز ۋاقتىدا بىر مەزگىل قامىلىپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنىمۇ قايتا تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ