شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (5)

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى» سەرلەۋھەلىك چاتما خەۋەر قاتارىدا بېرىلىدۇ.

مەزكۇر شاھىت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى يوقىتىش» قاتارلىق ناملاردىكى تېررور سىياسىتى ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىنچىلىق قىلىش قىلمىشىغا يەنە بىر يېڭى ئۇسۇلنى قوشقانلىقىنى، يەنى «موخوركا» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىكنى ياشلار ئارىسىدا تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ساناقلىق كىشىلەرنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا مەقسەتلىك رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋام قىلماقتىكەن. خىتاي يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنە «موخوركا» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن «موخوركا» ناملىق زەھەرلىك چېكىملىك پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ زەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان موخوركىغا ئوخشايدىكەن. نۆۋەتتە بۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئاساسەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، 20 ياش ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى خۇمار بولۇپ، بۇ زەھەرنى چېكىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن. تۈرمە ۋە جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ياشلار ئىچىدە سەۋەبسىز ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بولۇپمۇ غۇلجىدا بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتكەن. يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان بىر قىسىم سىنلارمۇ بۇ ئېغىر ئەھۋالنى پاش قىلغانىدى.

بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ساقچىغا مەلۇم قىلغان ۋە ساقچىلاردىن پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە سولاشنى، بۇ ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىشىغا سەۋەب بولۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ بۇ ئىش بىلەن كارى بولمىغان. خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش بولغاچقا، ساقچىلار «موخوركا ناملىق زەھەرلىك چېكىملىكنى چەككەن كىشىلەرنى تۇتۇش قانۇنغا چۈشمەيدۇ. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تەدبىر قوللىنىمىز» دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسەتكەن.

خىتاي كەيپ-ساپا، زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كېرەكسىز قىلىپ قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، دۇكىنىدا ھاراق، تاماكا ساتمىغانلارنى، ھەتتا ساتماسلىقنى تەۋسىيە قىلغانلارنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دىنىي ئەسەبىي» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ ئېغىر جازالىغانىدى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق يېزا كەنتلىرىگە قاۋاقخانا، پاھىشخانىلارنى كۆپەيتىش، زەھەرلىك چېكىملىكنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلغانىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، خۇسۇسەن ياشلارنى زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ۋەيران قىلىش جىنايىتىنىڭ تارىخى ئالدىنقى ئەسىرگە سوزۇلىدىغان بولۇپ، خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يامرىشىنى بىر قوللۇق پىلانلاپ كەلگەن ۋە بۇنى توسۇشقا تىرىشقانلارنى، خۇسۇسەن ئالىم-ئۆلىمالارنى، جامائەت ئەربابلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالاپ كۆزدىن يوقاتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2265 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2024 12:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق