ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزاسى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، تەيۋەننىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇمھۇرىيەتچى مايكېل مىكول ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، 27-ماي تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە تەيۋەننىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ئۆمەك لەي چىڭدې قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ قالغان. لەي چىڭدې ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى ۋە بۇ مانېۋىرنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.
مايكېل مىكول دۈشەنبە ئەتىگەندە لەي چىڭدې بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەك تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىدەك مەيدانىنى يەتكۈزگەن.
مايكېل مىكول خىتاينىڭ ئالدىنقى كۈنلەردىكى تەھدىت خاراكتېرلىك ھەربىي مانېۋىرنى ئەيىبلەپ: «بۇ مانېۋىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىنچ يول بىلەن تەيۋەننى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسەتتى» دېگەن ۋە خىتاي-رۇسىيە-ئىران ھەمكارلىقىنى ئەيىبلەپ: «بىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، بۇنداق تەپتارتمىغان زوراۋانلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىقنى كۆرمىدۇق» دېگەن.
لەي چىڭدې ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەيۋەننى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ۋە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن لايىھەلىرىنى داۋاملىق ماقۇللاپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ