فىلىپپىن خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا جەنۇبىي دېڭىزدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 27-ماي خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا جەنۇبىي دېڭىزدا ھەر يىلى تۆت ئاي بېلىق تۇتۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىك ھەققىدە تەنقىد قىلىپ، خىتاينى فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 1999-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھەر يىلى جەنۇبىي دېڭىزدا ئاتالمىش «يازلىق بېلىق تۇتۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش نىزامى»نى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە بۇ چەكلىمە 1-مايدىن باشلاپ 8-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. ئەمما فىلىپپىن تەرەپ خىتاينىڭ بۇ خىل چەكلىمىسىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار تەرتىپى ئارقىلىق بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بېلىقچىلىقنى ۋاقتىنچە توختىتىش دائىرىسىنىڭ فىلىپپىن زېمىن تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشنىڭ بىر تەرەپلىمە يولغا قويۇلۇشى غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مانىلادىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ توغرۇلۇق ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. فىلىپپىننىڭ ئورگان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ پىرېزىدېنت ماركوس بىلەن شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىك دىيالوگ ئارقىلىق دېڭىزدىكى زىددىيەتنى ئازايتىش ئۈچۈن ھاسىل قىلغان چۈشەنچىگە خىلاپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە 2016-يىلى گاگادىكى مەڭگۈلۈك كېسىم سوتىنىڭ فىلىپپىن تاپشۇرغان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ 716-ماددىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش ھەرىكىتى دائىرىسى فىلىپپىننىڭ ئىقتىسادىي رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چەكلىمىنىڭ خىتاي بايرىقى ئېسىلغان بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى قانۇنسىز ھەرىكەت» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1435 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2024 12:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق