خىتايدىكى پارتلاشتا 90 كىشى ئېغىر يارىلاندى

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-مارت بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جىياڭسۇ خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشتا 90 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 
خەۋەردە بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ ئارىسىدىكى 90 كىشىنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى، ئىككى كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر يەسلى ۋە زاۋۇت ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، خىتاينىڭ ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن 176 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە مىڭغا يېقىن ئوت ئۆچۈرۇش خادىمىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 6362 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2019 18:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق