ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدا مەسلىھەت يىغىنى ئېچىلدى
20-ئاۋغۇست ئۇيغۇر تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنقەردە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى» تېمىسىدا مەسلىھەت يىغىنى تەشكىللىدى.
مەسلىھەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. مەسلىھەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى سېپىدىكى يېتەكچىلەر، تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلەر، زىيالىيلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئىشتىراك قىلدى.
مەسلىھەت يىغىنىدا كەلگۈسىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق پىلان ۋە چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىش، ئۇلارنى قانداق ئۇسۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىندى.