1990-يىلى 5-ئاپرېل يۈز بەرگەن بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34 يىللىقىنى، شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، مۇبارەك رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا «بارىننى ئۇنتۇمايمىز، روزا تۇتۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز» تېمىسدا نامايىش ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدا ئالدى بىلەن بىرلىك رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا بۈگۈن خاتىرىلىنىۋاتقان بارىن قەتلىئامىنىڭ 1990-يىلى 5-ئاپرېل رامىزان ئېيىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلدى. ئارقىدىن بارىن قەتلىئامىنىڭ خىتاينىڭ رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارشى قوزغالغان خەلق قوزغىلىڭى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن جىددىيلەشكەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقنى قاتتىق باستۇرغانلىقى، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ياشلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى قوزغالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ چوڭ-كىچىك دېمەستىن خەلقنى قىرغىن قىلغانلىقى، نەچچە مىڭ ياشنىڭ تۇتقۇن قىلىپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ 1997-يىلىدىكى غۇلجا قەتلىئامى، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغان 74 يىلدىن بېرى نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، نۆۋەتتە پەلەستىندە يۈز بەرگىنىدەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، قىسقىسى مۇسۇلمان بولۇشى چەكلەنگەن 35 مىليون خەلققە ۋاكالىتەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلدى. ئۇ بۇندىن 34 يىل ئىلگىرى بارىن شېھىتلىرى ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى، مەدەنىيىتىنى قوغداش مەقسىتىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئەزىز جانلىرىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى، تاجاۋۇزچىنىڭ قولىدىن دۆلەتنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش، ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەۋادا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىشتىن كېيىن يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغانلار بىرلىكتە ئىپتار قىلدى. يىغىلىش شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ