مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بارغانسېرى خىتايغا تايىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ رايوندا داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، موسكۋادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خىتاي رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىككى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاي ۋەكىللىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئۇچرىشىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ خىرىسلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن باشقا چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلگەن.
ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گېنېۋىۋ دونېلون ئامېرىكا ئاۋازىغا: «خىتاي بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ باشلىقلىرى رۇسىيەگە بولغان بېقىنىشىنى ئازايتىشقا قىزىقىشى مۇمكىن» دېگەن.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 140 قا يېقىن ئادەم ئۆلۈپ، 180 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان بۇ قېتىمقى ۋەقەدە رۇسىيە دائىرىلىرى ھۇجۇمغا چېتىشلىق ئوندىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان. كېيىن دېلوغا مۇناسىۋەتلىك تۆت تاجىكىستان پۇقراسى ئەيىبلەنگەن. بىر قىرغىزىستان پۇقراسى گۇماندارلارنىڭ بىرىگە ئۆي ئىجارە بەرگەنلىكى ئۈچۈن سوتتىن ئىلگىرى تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرى پۇقرالارنى رۇسىيەگە ساياھەتكە بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. موسكۋادا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، رۇسىيە ساياھىتى شىددەت بىلەن ئازايغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادى، بولۇپمۇ تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى تارىختىن بېرى رۇسىيەگە كۆچمەن بولۇپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا تايىنىپ كەلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان. بۇ ھەپتە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، رايوندا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ