فىلىپپىن: خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارمىز

فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تەمىناتىنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە خىتاينىڭ ئارىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەھدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىننىڭ بىر ئالىي بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 3-ئاپرېل فىلىپپىن تەرەپ خىتاينىڭ فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا داۋام قىلىۋاتقان ئارقا سەپ تەمىنلىشىنى توسۇش ئۇرۇنۇشىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، فىلىپپىننىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەپ، خىتاينىڭ دېڭىز يولىدىكى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فىلىپپىن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جوناسېن مالايا دېڭىز مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە: «فىلىپپىن ئىككىنچى توماس ئارىلىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بېرىدۇ، «BRP Sierra Madre» تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتى ئەسكەرلەرنى ئارقا سەپ تەمىناتى بىلەن تەمىنلەشتە ھەرگىز بوشاشمايدۇ» دېگەن.

مالايا يەنە فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنىڭ بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ھۆكۈمەتنى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆپ تەرەپلىمىلىك خىرىسلارغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ھۆكۈمەتنى دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە تىنچلىق مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن بىر قاتار ئېغىر خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1774 قېتىم كۆرۈلدى
04/04/2024 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق