ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگىنى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئېلخەت سىستېمىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئەسلى ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئاپرېلدىكى باياناتىدا بۇلتۇر خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېلخەت سىستېمىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئەسلىدە ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تور بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدە يوچۇق ساقلانغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر كومىتېت مىكروسوفتنىڭ ۋەقە جەريانىدا چىقارغان بىر قاتار قارارلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ بىخەتەرلىكى، خەتەرنى باشقۇرۇش ۋە خېرىدارلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ۋە مەشغۇلاتىنى قوغداشقا بولغان ئىشەنچىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بايقىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان «بوران-0558» ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بىر ئىنژېنېرىنىڭ شىركەت ھېساباتىغا سۇقۇنۇپ كىرىشتىن باشلانغان.
مىكروسوفت بۇ ھەقتە: «ھېچقانداق تەشكىلات مەنبەسى تولۇق بولغان رەقىبلەرنىڭ تور ھۇجۇمىغا پۈتۈنلەي قارشى تۇرالمىسىمۇ، بىز ئىنژېنېرلار گۇرۇپپىمىزنى كونا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بايقاش ۋە ياخشىلاشقا، جەريانلارنى ئەلالاشتۇرۇشقا ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق» دېگەن
مىكروسوفت يەنە: «بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىرىمىز سىستېمىمىزنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك نازارەت قىلىش ۋە خاتىرىلەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپ تور ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بايقايدۇ ۋە مۇداپىئە قىلىدۇ. بىز يېڭى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەڭشەيمىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ