ھىندىستان خىتاينىڭ يەر نامى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

ھىندىستان خىتاينىڭ ئارۇناچال ئىشتاتىغا تەۋە بەزى جايلارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2-ئاپرېل خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ھىندىستاننىڭ ئارۇناچالدىكى 30 ئورۇننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى رەت قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ تەبىئىي ھالدا ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ (خىتاي جەنۇبىي شىزاڭ دەپ ئاتايدۇ) ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپلا قالماستىن، يەنە بىر يىل ئىلگىرى ئارۇناچال ئىشتاتىغا تەۋە 11 ئورۇنغا خىتايچە ئىسىم قويۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتكەنىدى.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالدىنقى شەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، يەر نامىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئارۇناچالدىكى بەزى يەر ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە تۆتىنچى تۈركۈمدىكى ئاتالمىش «جەنۇبىي شىزاڭ» رايونىدىكى ئۆزگەرتىلگەن 30 يەر نامىنى ئېلان قىلغانىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «يەر نامى قېلىپلاشتۇرۇش»ى 11 مەھەللە، 12 تاغ چوققىسى، تۆت دەريا ، كۆل، تاغ ئېغىزى ۋە قۇرۇقلۇق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇندىن باشقا يەر ناملىرىنىڭ ھەممىسى خىتايچە، تىبەتچە ۋە پىنيىنچە يېزىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى راندىر جايسۋالنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە: «ئاساسسىز خىيالغا تايانغان ناملارنى ئېلان قىلىش قويۇش ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ رېئاللىقىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئارۇناچال رايونى ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ كەلدى ۋە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1833 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2024 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق