پاكىستاندىكى خىتايلار ۋە خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى رايونلار ئالدىنقى بىر ئايدا كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف خىتاي ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف 1-ئاپرېل پاكىستاندا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئىشلەمچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بەش خىتاي ئىشچى ئۆلگەنىدى.
شاھباز شەرىف ۋە خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جياڭ زەيدۇڭ دۈشەنبە كۈنى داسۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بېرىپ، خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە «قىلچە نۇقسان كۆرۈلمەيدىغان» بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
-26مارت بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان بولۇپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەنىدى. بۇ، شۇ ھەپتە ئىچىدە پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالاقىدار ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ قالغانىدى.
30-مارت بىر خىتاي ئەمەلدارى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بەش خىتاي ۋە پاكىستانلىق شوپۇرنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆددىگەرلىرىنىڭ پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ توسما قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە بۇ شىركەتلەر پاكىستان دائىرىلىرىدىن تەخمىنەن 1250 خىتاي ئىشلەيدىغان ئورۇننى قايتا ئېچىشتىن بۇرۇن، يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.
تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ بەلۇجىستاندىكى خىتاي زور مەبلەغ سالغان گىۋادار رايونىدا نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر پاكىستاننىڭ بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئىككى ئەسكەر ئۆلۈپ، تۆت ئەسكەر يارىلانغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ