پارلامېنت ئەزالىرى تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

پارتىيە ھالقىغان ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بايدېن ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ يەتتە بىيوتېخنىكا شىركىتىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايك گاللاگېر، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى راجا كىرىشنامورسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىندىن بۇ ھەقتە تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر ئىككى پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ بىيوتېخنىكا كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ سۈنئىي پاتوگېن ياساپ چىقىپ، ھەربىي ئەۋزەللىككە ئېرىشىش خەۋپى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پارلامېنت ئەزالىرىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردە بىۋاسىتە جاۋاب بېرىدۇ. بىزنىڭ نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىمىز يوق» دېگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۇ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر يالغان باھانە بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنى باستۇرۇشنى توختىتىشى كېرەك» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1399 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2024 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق