ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» كوممۇنىست پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 30-مارت خوتەن ۋىلايىتىگە بارغان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتىشكە ئىشارەت قىلىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»نى قايتا تەكىتلىگەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي 30-مارت خوتەنگە بېرىپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن داۋام قىلىپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تەكىتلەپ: «شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كېڭەيتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىملىق خوتەن زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇرقى ئۈرۈمچى زىيارىتىدە ئاتالمىش «مۇقىملىق»نى ھەممە خىزمەتنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە قاتتىق چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، بۇنىڭغا ئاساسەن «مۇقىملىق» خىزمەتلىرىنىڭ ئاجىزلاش ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى «خىزمەتلەر»گە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىدى ۋە ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى.
ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم خوتەندە يەنە ئاتالمىش «تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش»نى تەكىتلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ