خىتايلارنى قوغداۋاتقان پاكىستان ئەسكەرلىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە قوراللىق كىشىلەر پاكىستاننىڭ بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئىككى ئەسكەر ئۆلۈپ، تۆت ئەسكەر يارىلانغان.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەلۇجىستاننىڭ گىۋادار رايونىدا نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئاكرا كائۇر توسمىسى ئەتراپىدىكى مىنالارنى تازىلاۋاتقان بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا ئىككى ئەسكەر ئۆلۈپ، تۆت ئەسكەر يارىلانغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

خىتاي ئىنژېنېرلىرى پاكىستاندىكى بىر قانچە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈرلەر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك. خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، خىتاي ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە 65 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

گىۋادار رايونى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىدىكى ھالقىلىق جايلاردىن بىرى بولۇپ، خىتاي بۇ جايدىكى پورتنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغان ۋە قۇرۇلۇشقا غايەت زور مەبلەغ ئاجراتقان. ئىككى ھەپتە بۇرۇن گىۋادار رايونى بىر ھۆكۈمەت بىناسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى. 26-مارت خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئىشچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي ئۆلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1641 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2024 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق