خىتاي رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەققىدە ھۆججەت تارقاتقان

خىتاي بۇ يىل رامىزان ئېيىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا بارلىق ئىبادەتلەرنى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق چەكلىگەن بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ تۇڭگانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ھەققىدە ھۆججەت تارقاتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادىتىنى چەكلەش سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىغا خىتاي رېجىمىنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مەخسۇس ھۆججەت تارقاتقانلىقىنى، ھۆججەتتە روزا تۇتقانلارنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى، ئائىلىلەردە كىمنىڭ روزا تۇتىدىغانلىقىنى نازارەت قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

گۇۋاھچىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ھەققىدىكى ھۆججەت رامىزاننىڭ ئىككىنچى كۈنى يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان جىددىي ئۇقتۇرۇش بولۇپ، ھۆججەتتە كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىبادەتلىرىنى چەكلەشتەك تېررور سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى قانداق ئۇسۇلدا چەكلىگەن بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ شۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان. خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ، مەمۇرلارنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ، قۇرامغا يەتمىگەنلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنىدى. ئارقىدىن بارلىق خەلقنىڭ روزا تۇتۇش ۋە باشقا ئىبادەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەنىدى ۋە ئاتالمىش «تېررورچى، دىنىي ئاشقۇن» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1632 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2024 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق