خىتاي ئەجەللىك ھۇجۇم سەۋەبلىك پاكىستاندىكى ئىككى توسما قۇرۇلۇشىنى توختاتتى

خىتايلار پاكىستاندا ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي پاكىستاندىكى ئىككى توسما تۈر قۇرۇلۇشىنى توختاتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بىر خىتاي ئەمەلدارى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بەش خىتاي ۋە پاكىستانلىق شوپۇرنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆددىگەرلىرىنىڭ پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ توسما قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەتلەر پاكىستان ئىدارىلىرىدىن تەخمىنەن 1250 خىتاي ئىشلەيدىغان ئورۇننى قايتا ئېچىشتىن بۇرۇن، يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن نەقۋىنىڭ ئىشخانىسى خىتاينىڭ ئىسلامئابادتىكى باش ئەلچىخانىسىدا «خىتايدىن كەلگەن ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئالدىنقى 26-مارت ئەجەللىك ھۇجۇم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئۇلارغا ھازىرغىچە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلار يىغىن جەريانىدا پاكىستاندىكى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

26-مارت بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان بولۇپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەنىدى. بۇ، شۇ ھەپتە ئىچىدە پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالاقىدار ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ قالغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1875 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2024 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق