ۋىيېتنام خىتاينىڭ تونكىن قولتۇقىدىكى دېڭىز بويى رايونىنى قايتىدىن بېكىتىش ئۇرۇنۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى مارت ئېيىنىڭ بېشىدا دېڭىز قولتۇقىدا يېڭى دېڭىز تەۋەلىكى سىزىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى»غا ئاساسلانغاندا، بىر دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ئاساسىي سىزىقى دېڭىز سۈيى پەسەيگەندىكى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى سۇ تەۋەلىكى ۋە قاراشلىق ئىقتىسادىي رايوننىڭ دائىرىسىنى ئېنىقلاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. خىتاي تالىشىۋاتقان يەر دەل خەينەن ئارىلى بىلەن ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى، جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز يولى ئىكەن.
ئەھدىنامىدە قىرغاققا يېقىن ئاراللار، دەريا ئېقىنلىرى ۋە باشقا ئالاھىدە يەر جىسىملىرىغا قارىتىلغان نىزاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاساسىي سىزىقلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئېيتىشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقىدىن يىراق ئاراللار ئارىسىدا بىر قاتار ئاساسىي سىزىقلارنى سىزىش ئارقىلىق، بۇ نىزاملارنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ سۇيىئىستېمال قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى دېڭىز-ئوكياننى قورشاش ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوننىڭ يول باشلاش ئەركىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي بۇ پىرىنسىپنى قوللىنىپ، تەيۋەن بوغۇزىنى خىتاينىڭ قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكى، دەپ ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي دېڭىز رايونىدىكى زومىگەرلىكى ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ، تەيۋەن، مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنام ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆپلەپ سۈنئىي ئارال بەرپا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ