كونيادا ياش-ئۆسمۈرلەر قۇرئان تىلاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى كونيا شۆبىسى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىدە قۇرئان سۆيگۈسىنى كۈچەيتىش، تالانتلىرىنى نامايان قىلىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

رامىزان ئېيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇسابىقە 23-مارت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە كونيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ياش-ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇسابىقىگە يەتتە ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان 26 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقە قارىيلار گۇرۇپپىسى ۋە تەجۋىدلىك قىرائەت گۇرۇپپىسى بويىچە ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ ئۆتكۈزۈلدى.

مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئابلىكىم قارىھاجىم، ئابدۇۋارىس قارىم قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ باھالىشى نەتىجىسىدە، ئىككى تۈردە ئايرىم ئايرىم ھالدا 1-، 2-، 3-دەرىجە بويىچە تاللاپ چىقىلغان قارىيلار 2000 لىرا، 1500 لىرا، 1000 لىرا بىلەن، تەجۋىدلىك قىرائەت ماھىرلىرى 500 لىرا، 300 لىرا، 200 لىرا نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى، قالغان ماھىرلارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلدى. مۇكاپات باھالىغۇچى ئۇستازلار مۇكاپاتلارنى ئۆز قولى بىلەن ماھىرلارغا تەقدىم قىلدى.

بۇ خەۋەر 4059 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2024 13:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق