نېپال ھىندىستاننى قايرىپ قويۇپ خىتايغا يېقىنلاشتى

نېپال ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايرىپ قويۇپ، خىتاي بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى بويىچە بالدۇرراق كېلىشىم تۈزۈشكە قوشۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېپالنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىگە قوشۇلۇش مەسىلىسىنى ئۇزۇنغا سوزۇۋەتكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ ھەپتە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنى يولغا قويۇش پىلانىنى بالدۇرراق تاماملاشقا قوشۇلغان.

نېپال مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نارايان كاجى شىرېستا بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 26-مارت بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەت يىغىنىدا ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىدىكى ھەمكارلىقىنى تېزلىتىش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە يولغا قويۇش پىلانىغا ئىمزا قويغان. ۋاڭ يى شىرېستاغا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەشنى ھەمدە بىر بەلباغ، بىر يول سودا تۈرىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نېپالدا يۈز بەرگەن يېقىنقى سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، يېڭى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى خىتايغا تايىنىش تەرەپكە مايىل بولغان. بۇ ھالەت نېپالنى ھىندىستاندىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. نېپالنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان ماۋزېدۇڭچىلار مەركىزىنىڭ رەئىسى، نېپالنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى پۇشپا كامال داھال ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىنى ئۆزگەرتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دەرھال مۇئاۋىن باش مىنىستىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىرېستانى خىتايغا ئەۋەتىپ، 24-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە توققۇز كۈنلۈك زىيارەت ئورۇنلاشتۇرغان.

نېپالنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىرېستانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ ھەپتە بولمايلا خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى تالاش-تارتىش قوزغىغان بولۇپ، تەھلىلچىلەر نېپالنىڭ شىمالىي قوشنىسى خىتايغا مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، نېپال-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن ماركسىزم ۋە ماۋزېدۇڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ئىگە ئورتاق پارتىيە مۇناسىۋەت باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، ھەر ئىككىسى كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئىككى تەرەپ دائىم بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغانلىقىنى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1896 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2024 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق