خىتاي ئەرەب ئەللىرىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 27-مارت چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. سۆھبەتتە قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئىلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار بىرگە بولغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ما شىڭرۈي ئۆمەك ئەزالىرىغا نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرۇپ: «شىنجاڭ جەمئىيىتى مۇقىم، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاق ياشىماقتا. نۆۋەتتە خەلقئارادا شىنجاڭ مەسىلىسىدە تارقىلىۋاتقان گەپ-سۆزلەر ئەمەلىيەتتە غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن چىقارغان سىياسىي نەيرەڭلىرى» دەپ بىلجىرلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، پەلەستىن فاتاھ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باسام زاكارنىي، سۇرىيەنىڭ سابىق مەمۇرىي تەرەققىيات ئىشلىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، سۇرىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇللا خەلىل، لىۋان سوتسىيال تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەبۇلبە ئوئېن، مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەئىد ئابدۇللا زايىر، پەلەستىن خەلق كۈرەش فىرونتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەت ئالۇش ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلغان. ئۇلار بىردەك ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ بىلجىرلاشقان.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب ئەللىرى ھەيئىتىنىڭ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ قىلغان زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا مەزكۇر ھەيئەتنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە رامىزان ئېيىغا ھاقارەت ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ئىسلامغا ئالاقىدار بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرنى، جۈملىدىن رامىزان ئېيىدىكى بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكى، ئادالەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ۋە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەرەب دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى پىلانى بويىچە زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالسا، ئىچكى تەشۋىقاتتا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3559 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2024 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق