ئارۇناچال ئىشتاتى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەزكۇر رايوننىڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن 28-مارت مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ ئارۇناچال ئىشتاتى (خىتاي جەنۇبى تىبەت دەپ ئاتايدۇ) ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر رايوننىڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى، «ئارۇناچال ئىشتاتى» دېگەن يەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدە جار سالغان.
ۋۇ چيەن يەنە ئامېرىكىنىڭ تالاش-تارتىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگراغا چېتىشلىق مېخانىزم ۋە ئالاقە يولى بار ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئارزۇسى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 26-مارت خىتاي رېجىمىنىڭ ئارۇناچال ئىشتاتىنى خىتاي زېمىنى دەپ دەۋا قىلىشىنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ ھىندىستاننىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، ھەربىي ياكى پۇقراۋى ۋاسىتە ئارقىلىق ئەمەلىي كونترول قىلىش سىزىقىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ