تايلاندتا گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ۋە چاقىرىقلار داۋاملاشماقتا.
كىرىست خەلقئارا گېزىتى 18-يانۋاردىكى خەۋىرىدە تايلاندتا ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قىيىن ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرغان. خەۋەردە كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تايلاندنىڭ خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلماي، خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى 10 يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر ئۇيغۇرلار 2014-يىلىدىن باشلاپ گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا بەش ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا باڭكوكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «The Fort» بىر يىغىندا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىدىن باشلاپ تايلاندتا تەخمىنەن 350 ئۇيغۇر تۇتۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 172 ئايال ۋە بالا 2015-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 109 ئەر كىشى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئادەم كۆپ، شارائىت قاتتىق ناچار بولۇپ، 50 نەچچە ئۇيغۇر ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، تايلاند نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تەڭقىسلىقتا قالغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينى نارازى قىلىشنى قەتئىي خالىمايدىكەن. تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر تارماقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش تەلىپىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنى قانۇنىي ۋەكىللىرى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تايلاند دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە كىرەلەيدىغان ساناقلىق ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئورگان تايلاند دائىرىلىرىنى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچۈن بالدۇرراق مۇۋاپىق ئۈچىنچى دۆلەت تېپىشقا چاقىرىق قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ