بېيجىڭغا يېقىن جايدىكى پارتلاشتا كەم دېگەندە يەتتە خىتاي ئۆلدى

13-مارت بېيجىڭدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەنجياۋ بازىرىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13-مارت خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يەنجياۋ بازىرى يىڭبىن يولىدىكى ئادەم زىچ جايدا پارتلاش يۈز بەرگەن. توردا ئېلان قىلىنغان بىر سىندا پارتلىغان جايدىن قويۇق ئىس-تۈتەك چىققانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ۋە ئەتراپتىكى نۇرغۇن بىنالارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ۋەقەدىن كېيىن ھەتتا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىشى يەرلىك دائىرىلەر ئورۇنلاشتۇرغان ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە شۇ جاي ۋاقتى 13-مارت سائەت 23:00 غىچە يەتتە خىتاي ئۆلۈپ، 27 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دۇكاندار فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى مۇخبىرىغا: «مەن ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ۋەقە بازىرىمىزنىڭ سىرتىدا يۈز بەردى، ھەممە يەر قويۇق قارا ئىس-تۈتەك بىلەن تولدى» دېگەن. يەنە بىر مال ساتقۇچىمۇ: «غايەت زور پارتلاش ئاڭلاندى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1938 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2024 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق