يېڭى زېللاندىيە تېلېۋىزىيەسى جۈمە ئەزىنىنى بىۋاسىتە تارقاتتى

 

22-مارت تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېللاندىيەنىڭ كىرىستچورچ شەھىرىدىكى ئەلنۇر ۋە لىنۋۇد جامەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن يېڭى زېللاندىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 
خەۋەردە يېڭى زېللاندىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى TVNZ ۋە RNZ تەرىپىدىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان مۇراسىمدا جۈمە نامىزى ئەزىنىمۇ بىۋاسىتە تارقىتىلغانلىقى، ئەزاندىن كېيىن تېررورلۇق ھۇجۇمى قۇربانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئىككى مىنۇت سۈكۈتتە تۇرغانلىقى، تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن يولغا قويغان تەدبىرلىرى ۋە تېررور قۇربانى بولغان مۇسۇلمان پۇقرالارغا قىلغان ياخشى مۇئامىلىلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن يېڭى زېللاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن كرىستچورچ شەھىرىدىكى ھاگلېي باغچىسىدا ئوقۇلغان جۈمە نامىزىغا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە نامازدىن ئىلگىرىكى قىسقا سۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۆزئارا مېھىر-شەپقەت، مەرھەمەت ۋە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ئىنسانلار بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەننىڭ ھەرقانداق بىر يېرى ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەن ئاغرىق ھېس قىلىدۇ» دېگەن ھەدىس بىلەن باشلىغان جاسىندا ئاردېرن «يېڭى زېللاندىيە سىلەر بىلەن بىرگە» دېگەن سۆزنى قىلغان. 
خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، تېررورلۇقنىڭ رەڭگى، دىنى ۋە ئىرقى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فۇدا «يېڭى زېللاندىيەنىڭ يېڭىلمەس ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدۇق. دۇنيا بىزدە سۆيگۈ ۋە بىرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرەلىدى. دىلىمىز سۇنۇق، بىراق بىز سۇنۇپ كەتمىدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا باش مىنىستىر جاسىندا ئاردېرننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، نۇرغۇنلىغان يېڭى زېللاندىيەلىك ئاياللارنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك ياغلىق ئارتىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 6626 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2019 18:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق