تۈركىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

13-مارت ئىستانبۇل باكىركۆي ئانادۇلۇ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت باكىركۆي ئانادۇلۇ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زاھىتتىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مۇھەممەد تەمكىنىي بىلەن ئوغۇزخان مەۋلەۋى مەكتەپنىڭ 10-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرغان. ئۇلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان.

13-مارت يەنە كونيا قاراتاي پىروفېسسور، دوكتور ئۆمەر دىنچېر قىزلار ئانادولۇ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىدە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە ئىشغالىيەتتىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئىشتىراك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1546 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2024 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق