خىتاي ئەلچىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ماراكەش خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

ماراكەشتە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ماراكەش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، يالغان بايانلىرى ئارقىلىق ماراكەش خەلقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-مارت ماراكەشتە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى لى چاڭلىن ماراكەش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان.

لى چاڭلىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇخبىرنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «شىنجاڭدا مىللەت، دىن ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يوق، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى بار» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ يەنە خىتاي رېجىمى يىللاردىن بېرى  داۋام قىلىپ كەلگەن يالغان سۆزلىرىنى تەكرارلاپ: «شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ خىزمەت ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ جەمئىيىتى داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا» دەپ بىلجىرلىغان.

گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، تېررور سىياسىتىنى ئىزچىل توختاتمىغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتىدىن كۈچەيتتى. بۇ جەرياندا زور كۆلەمدە جازا لاگېرى تەسىس قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نەچچە مىليوندىن ئاشتى. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيانە جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتتى. گەرچە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلار، شاھىتلار، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھازىرغا قەدەر بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلىپ، جىنايەتلىرىدىن تانماقتا.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن 2021-يىلى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2066 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2024 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق