مودىنىڭ ئارۇناچال زىيارىتى خىتاي-ھىندىستان سۈركىلىشىنى كۈچەيتتى

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ يېقىندا شەرقىي شىمالدىكى ئارۇناچال ئىشتاتىغا قىلغان زىيارىتى خىتاينى بىئارام قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئارۇناچالنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى 9-مارت ئارۇناچال ئىشتاتىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مودىنىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىر كۈندىن كېيىن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى راندىر جايسۋال خىتاينىڭ نارازىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «خىتاينىڭ نارازىلىقى ئۆتمۈشتە ۋە كەلگۈسىدە ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئارۇناچال ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى» دەپ تەكىتلىگەن.

مودى 9-مارت ھىمالايا تېغىغا جايلاشقان ئارۇناچال ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىپ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى لىنىيەلىك تونېل قورۇلۇشنىڭ يوپۇقىنى ئاچقان. بۇ لىنىيە چەت رايونلارنى يىل بويى قاتناش ئۈزۈلمەيدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ئەسكەر ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىككى تەرەپ ئەسكەر توپلىغان چېگرا رايونىغا يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىدىكەن. مودى زىيارەت داۋامىدا يەنە يول ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق باشقا بىر قانچە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 11-مارتتىكى ئاخبارات يىغىنىدا ھىندىستان رەھبىرىنىڭ مەزكۇر زىيارىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ رۇخسەتسىز ھالدا ئارۇناچالنى (خىتاي جەنۇبىي شىزاڭ رايونى دەپ ئاتايدۇ) تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى يوقلۇقىنى دەۋا قىلغان.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ چېگراسىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىلگىرىمۇ ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئارۇناچال ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۆتكەن بىر يىلدا بۇ رايوندىكى جىددىيچىلىك كۈچەيگەن. بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا خىتاي يېڭى دۆلەت خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، ئارۇناچال ئىشتاتىنى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتكەندە، ھىندىستان خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. بۇلتۇر 4-ئايدا خىتاي يەنە مەزكۇر ئىشتاتتىكى دەريا ۋە تاغ چوققىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئورۇننىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1654 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2024 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق