مەبلەغ سالغۇچىلار مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئەندىشىسى سەۋەبلىك ZARA نىڭ تەمىنلەش زەنجىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 12-مارت خەۋەر قىلىشىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار Zara نىڭ باش شىركىتى بولغان Inditex نى تەمىنلەش زەنجىرى توغرىسىدىكى تولۇق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش خەۋىپى ۋە باشقا تەرەپلىرىنى باھالاشقا چاقىرغان.
Inditex شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تولۇق تىزىملىكىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە ياۋروپا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە تولۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما Inditex شىركىتى ھەر يىلى پەقەت 12 دۆلەتتىكى ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ سانىنىلا ئېلان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلار ھەققىدە تولۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەن.
Inditex شىركىتىنىڭ پاي ھەسسىدارى بولغان كىلېربرىج مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش بۆلۈمى دىرېكتورى گىرېيس سۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ Inditex شىركىتىدىن تەمىنلەش زەنجىرى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ بۇ ھەقتە: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بارلىق تەكشۈرۈشلەر مۇھىت، ئىجتىمائىي تەسىر ۋە كارخانا باشقۇرۇش، ئەمگەك كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلىدۇ» دېگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 5-مارت مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەسىلىسىدە مۇھىم قەدەم باسقان بولۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئەڭ بۇرۇن 2022-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
ZARA قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. مەزكۇر شىركەتلەر بولسا تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقىنى ئىنكار قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ