ھىندىستان ئىستىخبارات خادىملىرى ھىندىستاندىكى بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەشھۇرلىرىنىڭ خىتاينى قوللايدىغان ساختا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 10-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھىندىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەسىرگە ئىگە مەزكۇر خىتايپەرەس شەخسلەرنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان مەزمۇنلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھىندىستان ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاۋازىغا: «مەزكۇر تور مەشھۇرلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار خىتاي رېجىمىنىڭ ھىندىستاندا يالغان تەشۋىقات تارقىتىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇ ھىندىستانغا ئېغىر خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ياشلاردىن زور مىقداردا ئەگەشكۈچىلىرى بار، بەزىلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مىليونغا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ يوللانمىلىرى ھىندىستاندا جامائەت پىكىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ تەھدىتنى يوقىتىشنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمەن» دېگەن.
ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ھىندىستان قاتارلىق رەقىب دۆلەتلەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن. يالغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلمىي تەتقىقاتلارغا، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باياناتلىرىغا قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلىدىكەن.
ھىندىستانلىق ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە تارقىتىۋاتقان ساختا ۋە ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ