خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيە بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بۇ ھەپتە ئومان قولتۇقىغا يېقىن جايدا دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-مارت ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىخەتەرلىك بېغى 2024» دەپ ئاتالغان مەزكۇر مانېۋىرنىڭ 11-مارتتىن 15-مارتقىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى دېڭىزدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق رايونلۇق دېڭىز بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى مانېۋىرنىڭ سەيشەنبە باشلىنىدىغانلىقىنى، پاكىستان، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، ئومان، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا دېڭىز ئارمىيەسى ۋەكىللىرىنىڭمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى يەنە مانېۋىرنىڭ مەقسىتىنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە قاتناشقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى خەۋەر  قىلغان.

خىتاي تەرەپنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي 45- قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ «ئۈرۈمچى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن قوغلىغۇچى پاراخوتى، يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا لىنىيە قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋە دوڭپىڭخۇ ئۇنىۋېرسال تەمىنلەش پاراخوتىنى مانېۋىرغا قاتناشتۇرىدىكەن.

رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مانېۋىرنىڭ ئەمەلىي قىسمىنىڭ ئەرەب دېڭىزىدىكى ئومان قولتۇقى دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. موسكۋا تەرەپ باياناتىغا يەنە مانېۋىرنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بۇلتۇرمۇ ئوخشاش رايوندا بۇ يىلدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ يىللىق مانېۋىر ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكەن سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ۋە بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر يەمەنگە ھۇجۇم قىلىپ، رايوندىكى جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2024 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق