خەلقئارا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 9-مارت ئەنقەرە مىللىي كۇتۇپخانىسىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى، ULUĞ خەلقئارا ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يېتەكچىلەر تورى ھەمدە ئۇماي ئانا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى خانىم لېكسىيە سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن باشقا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىنى چۈشەندۈرگەن.
ئارقىدىن دوكتور رابىگۈل ھاجىمۇھەممەد خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار تارتقان قىيىنچىلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن.
ئاخىرىدا ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى دوتسېنتى ئىشىق قۇشچۇ خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يولغا قويغان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ