ئەنقەرەدە 3-مارتتىن 10-مارتقىچە 10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلدى.
رەسىم كۆرگەزمىسىگە ياۋروپا ئەللىرى، بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى، سابىق يۇگوسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر، تۈركىيە، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق 45 دۆلەتتىن كەلگەن 152 رەسسام گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرغان.
بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە قازاقىستانلىق تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ئەھمەد ئەخەت ئەپەندى قەشقەر ۋە تۇرپاندىكى تارىخىي ئۆيلەر، قەدىمىي كوچىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرغان. ئۇندىن باشقا كۆرگەزمىگە قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، ئەزەربەيجان تۈركلىرى قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرمۇ ئەسەر قاتناشتۇرغان.
كۆرگەزمىدە ئەھمەد ئەخەت ئەپەندىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن زىيارەتچىلەر رەسىملەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەردىكى قايسى مىللەتنىڭ تارىخىي ئۆيلىرى ئىكەنلىكىنى سوراشقان. ئەھمەد ئەپەندى زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ