بىر خىتاي ماشىنا بىلەن جۇڭنەنخەينىڭ دەرۋازىسىنى سوقتى

مەلۇم بىر خىتاي ماشىنا ھەيدەپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئورگانلىرى جايلاشقان جۇڭنەنخەينىڭ ئالدى دەرۋازىسىنى سوققان بولۇپ، تەيۋەن تاراتقۇلىرى ۋەقەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئىشخانىسىغا ئىنتايىن يېقىن جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-مارت سەھەردە بىر قارا ماشىنا بېيجىڭدىكى جۇڭنەنخەينىڭ ئالدى دەرۋازىسى بولغان «شىنخۇا ئىشىكى»گە ئۈسكەن ۋە ئىچكى قىسمىغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان. ئەمما دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسى ئېگىز بولغاچقا، ماشىنا بوسۇغىغا سوقۇلۇپ توختاپ قالغان. بۇنى كۆرگەن بىر گۇرۇپپا قوراللىق ساقچىلار ئالدىراپ-تېنەپ كېلىپ، شوپۇرنى ماشىنىدىن تارتىپ چىقىرىپ، سۆرەپ ئېلىپ كەتكەن. نەق مەيداندا «قاتىل خىتاي كومپارتىيەسى» دەپ توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلانغان. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. بولۇپمۇ بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىشخانىسىغا ناھايىتى يېقىن يەردە يۈز بېرىشى تېخىمۇ دىققەت تارتقان.

بۇ ۋەقە خىتايدا ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتقان سەزگۈر بىر پەيتتە، يەنە كېلىپ خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش ئىشخانىسى ۋە باشقا مۇھىم ئورگانلار جايلاشقان جۇڭنەنخەيدە يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ماشىنا ھەشەمەتلىك ماشىنا بولۇپ، نومۇر تاختىسى بېيجىڭنىڭ ئىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن مەزكۇر خىتاينىڭ ئادەتتىكى پۇقرا ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە شوپۇرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ۋېيبو قاتارلىق خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار چەكلەنگەن. ئەمما مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر X سۇپىسىدا كەڭ تارقالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1582 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2024 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق