خىتاي ھىندىستاننىڭ چېگرادا ئەسكەر كۆپەيتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ھىندىستان تالاش-تارتىشتىكى چېگراغا ئەسكەر كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېگرا تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ھىندىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ غەربىي چېگرا رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەردىن 10 مىڭ ئەسكەرنى ھىندىستان بىلەن تىبەت چېگراسىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايونلارغا يۆتكىگەنلىكىنى، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇتتۇراكاند ۋە ھىماچال ئۆلكىسىدىكى چېگرا رايونىنى قوغدايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر چېگرا رايوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 532 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 8-مارت ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئالدى بىلەن خىتايدىن ھىندىستاننىڭ تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونىغا 10 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى سورىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ: «ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونلىرىغا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقىغا پايدىسىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئارقىدىن يەنە: «خىتاي ھىندىستاننىڭ چېگرادىكى ئەسكەر كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى خەتەرلىك دەپ قارامدۇ-يوق؟ خىتاي ئارمىيەسى بۇنىڭغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتامدۇ-يوق؟» دەپ سورىغان.

ماۋ نىڭ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمەستىن: «ھىندىستاننىڭ ھەرىكىتى «چېگرا تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە پايدىسىز. شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ماس كەلمىگەندىن باشقا، چېگرا جىددىيلىكىنى پەسەيتىشكە پايدىسىز» دېگەن.

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ زېمىن تالاش-تارتىشىشى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قېتىملىق سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1412 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2024 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق