شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان نېلىشاھ سۇلتان كۈلتۈر مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشى ئاستىدا قانداق ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، تۈلاي گۆكچىمەن، مۈزەييەن تاشچى، ئامىنە تۇنا ئەرتۈرك، شەمشىقەمەر ئارتىش خانىملار سەھنىگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا توختالدى.

سۆز قىلغۇچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، خورلاش جىنايەتلىرىنى تۈرلۈك نۇقتىلار بويىچە تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3492 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2024 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق