مالايشىيادا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۇيغۇر ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تەشكىلاتلار بىرلىكى تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىي، باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى جەنۇبىي ئاسىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان بولۇپ، 8-مارت «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۇيغۇر ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

مالايشىيادا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۇيغۇر ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن كۇئالالۇمپۇردا ئېچىلغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشەببۇسى ۋە مالايشىيادىكى زور تەسىر كۈچكە ئىگە تەشكىلاتلاردىن مالايشىيا ئىسلام تەشكىلاتى مەسلىھەت كېڭىشى (MAPIM)، مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABİM)، ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» ھەرىكىتى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا مالايشىيانىڭ سىياسىيونلىرى، ئاكادېمىكلىرى ۋە ئەقىل ئامبارلىرى ۋەكىللىرىدىن باشقا، ھىندىستان، فىلىپپىن، سىنگاپور، بىرۇنېي، بېنگال ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كەلگەن تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى سىستېمىلىق مېخانىزم رامكىسىدا كۆزىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، 2024-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق كونكرېت پىلانلار، ئىستراتېگىيەلەر ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3263 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2024 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق