خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بىرلىكنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىي، بىرلىك باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، 7-مارت مالايشىيا پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ھەيئەت كۆرۈشۈشتە مالايشىيا خەلق ئادالەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سىيەد ئىبراھىم سىيەد نوھ، ئاماناھ نېگارا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى داتۇك سەرى دوكتور مۇجاھىد بىن يۇسۇف، مىللىي ئامانەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى تۇئان ھاجى ئازلى بىن يۇسۇف ۋە مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەت تارمىزى سۇلايمان قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مالايشىيا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ