شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (4)

شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر شاھىت تەمىنلىگەن مەلۇماتلار ئىستىقلال خەۋەر تورىدا قىسىمغا بۆلۈپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلماقتا.

ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا

مەزكۇر شاھىت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى يوقىتىش» قاتارلىق ناملاردا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلىشىدىن قورقۇپ كەتكەن خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش، ھەمدە ئازراق بولسىمۇ ئاۋارىچىلىكلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىگە بەس-بەستە ئەزا بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ساناقلىق كىشىلەرنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا مەقسەتلىك رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋام قىلماقتىكەن. ئايىغى چىقماس باستۇرۇشلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ساراسىمىگە سالغان بولۇپ، ئەتراپىدا پەقەتلا خىتايغا ئىشلەۋاتقان يالاقچىلارنىڭ ۋاقىتلىق خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، لاگېر ۋە تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئىززەت-ھۆرمىتى، غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا قارىماي، جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن بەس-بەستە خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. بۇ خىل پىسخىك ھالەتنى بايقىغان خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان بېسىم ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 2017-يىلىدىكى بىر خەۋىرىدە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ بارغانچە ئاشقانلىقى، ھەر 15 ئادەمنىڭ بىرى كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، گەرچە خەۋەردە ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى رايوندىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايدىن باشقا مىللەتتىن بولغان كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 600 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقى، بۇنىڭ ئومۇمىي ساننىڭ %38 تىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەينى يىلى پەقەت بىر يىل ئىچىدىلا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئاز كەم 45 مىڭ كىشى كۆپەيگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.

شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئارىدىن ئۆتكەن يەتتە يىل مابەينىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش، يوقىتىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە تۈرلۈك قاتتىق بېسىم ۋە باستۇرۇشلاردىن كىچىككىنە بولسىمۇ قۇتۇلۇشنى ئويلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇشقا مەجبۇرلىنىشتىن ئىبارەت خورلۇققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ساننىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ بولسا ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆلگەندە جەسىتىنى كۆيدۈرۈش ھەققىدە تىلخەت ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

ئالاقىدار خەۋەرلەر:
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8366
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8370
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8374

بۇ خەۋەر 3931 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2024 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق