شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (3)

شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پىداكار شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر شاھىت تەمىنلىگەن مەلۇماتلار ئىستىقلال خەۋەر تورىدا قىسىمغا بۆلۈپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىدۇ.

خىتاي دەپسەندە قىلمىغان ھېچقانداق ئىززەت ۋە غۇرۇرىمىز قالمىدى

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان شاھىت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىززەت-ئايرويى ۋە غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ ياشىغۇدەك يېرى قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قاتتىق ئۇھسىنغان ھالدا سۆزىنى باشلىغان مەزكۇر شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، غۇرۇرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلغان بولۇپ، خۇسۇسەن ئائىلىسىدە بويىغا يەتكەن قىزلىرى بار ئائىلىلەر ئېغىر كۈنگە قالغان.

يېزا-كەنتلەرگە ئاتالمىش «خىزمەت گۇرۇپپىسى» نامىدا كەلگەن خىتايلار ياكى ساقچىلار بويىغا يەتكەن قىزى بار ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرىنى ئالدى بىلەن ھەرخىل باھانە ۋە تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە قامىلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئارقىدىن قىزغا خېرىدار بولۇشقا باشلاپ، توي قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئائىلە ئەزالىرى سەۋەب كۆرسىتىپ رەت قىلغان ۋاقىتلاردا، ئەگەر قىزىنى بەرسە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىشقا ياردەم قىلىش شەرتىنى قويغان. شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئون نەچچە يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى رېئال بىر ئەھۋال بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلگەن. شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرلىشى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ئائىلىلەر قىزلىرىنى خىتايغا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

شاھىت يەنە بوغۇلغان ئاۋازى بىلەن: «خانىم-قىزلىرىمىز بىزنىڭ غۇرۇرىمىز ئىدى. ئۇلار بىزدەك ئەرلەرنىڭ قوغدىشىغا موھتاج ئىدى. ئەمما خىتاي خانىم-قىزلىرىمىزنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن خورلىماقتا، ئۇلارنى ۋاسىتە تاللىماي يولدىن چىقارماقتا» دەپ قاتتىق ئۇھسىندى.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەرلىرى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىگە قامالغان ئاياللار ئېغىر كۈنلەرگە قالغان بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغاندىن باشقا، يولدىشىغا نەرسە -كېرەك يەتكۈزۈپ بېرىش داۋامىدا تۈرمە ياكى لاگېر ساقچىلىرى تەرىپىدىن خالىغاندا چاقىرىلىپ خورلانغان. ئۇلار ئائىلىدە ھەم دادا، ھەم ئانا بولۇپ، ئېغىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇلاردىن سىرت، خىتاي رېجىمى كەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا مەجبۇرىي قىلدۇرغان. ئۇلار كۈندۈزى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنسا، كېچىلىرى كەنتلەردە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلانغان. چاقىرىلغان ھامان كەنت ئىشخانىسى ياكى مەھەللە كومىتېتقا ۋاقتىدا كەلمىگەنلەر ياكى ھەرقانداق بىرەر سەۋەب بىلەن كەلمىگەنلەر «ئىدىيەسىدە مەسىلىسى بارلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئېغىر جەرىمانە قويۇلغان ياكى لاگېرغا قامالغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا قالغان. خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلاپ تۇغماس قىلغاندىن باشقا، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، رەت قىلغان ئائىلە ئازارلىرىنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامىغان. شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ بۇ خىل جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە تەسەۋۋۇردىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر، ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

ئالاقىدار خەۋەرلەر:
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8366
https://www.istiqlalhaber.com/page/news/8370



بۇ خەۋەر 4146 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2024 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق