شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (2)

شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پىداكار شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەزكۇر شاھىت تەمىنلىگەن مەلۇماتلار ئىستىقلال خەۋەر تورىدا قىسىمغا بۆلۈپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىدۇ.

خىتاي ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بارلىق بۇيۇملارنى چەكلىدى

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان شاھىت خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بارلىق بۇيۇملارنى چەكلىگەنلىكىنى، 2017-يىلى ئۆزىنى باشقا ئون كىشى بىلەن بىرگە قەبرىستانلىقىنى كۆزىتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاي 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىدىن قۇرئان كەرىم، تۈرلۈك دىنىي كىتاب ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى، جايناماز، ئاي، يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن لېگەن، تەخسە قاتارلىق دىنغا ئالاقىدار بارلىق بۇيۇملارنى مەجبۇرىي يىغىۋالغان. ئارقىدىن خەلقنى كېيىنكى كۈنلەردە يۇقىرىقىدەك بۇيۇملار تەكشۈرۈلۈپ بايقىلىپ قالسا، ھەرقانداق جازاغا رازى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، چەكلەنگەن بۇيۇملاردىن بىرەرسى چىقىپ قالغان كىشىلەرنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا سولاپ، 20-15 يىللىق كېسىپ، ئېغىر جازالىغان. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۆيىدە ساقلىغان بارلىق قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلارنى، شۇنداقلا خىتاي چەكلىگەن بۇيۇملارنى كېچىلەردە قەبرىستانلىققا كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئېغىر جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشقان.

شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئائىلىسىدە كىتاب ساقلىغان ياكى كىتابلارنى باشقا يەرلەرگە يوشۇرغان كىشىلەرنى تېپىپ جازالاش ئۈچۈن، قەبرىستانغا كۆزەتچى قويغان. چەكلەنگەن بۇيۇملارنى كېچىدە قەبرىستانلىققا كۆمگەن كىشىلەرنى تۇتۇپ بەرگەن كۆزەتچىلەرنى مۇكاپاتلىغان ياكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. كېچىدە قەبرىستانغا كىتاب ياكى باشقا نەرسىلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ بايقىلىپ قالغان كىشىلەرنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا سولاپ ئېغىر جازالىغان.

شاھىتنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ ئېغىر جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆيىدىكى قۇرئان كەرىم، دىنىي كىتاب، جايناماز ۋە دىنغا ئالاقىدار بۇيۇملارنى دەرياغا تاشلىۋەتكەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان دىنىي باستۇرۇش پىلانغا ئاساسەن، قۇرئان كەرىم، دىنىي كىتابلارنى، جاينامازلارنى چەكلىگەندىن باشقا، بارلىق ئىبادەت ۋە دىنغا ئالاقىدار ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلىگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقى خەۋەر قىلغانىدى. مەزكۇر شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى، دىپلوماتلىرى جار سېلىۋاتقان «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىدۇق» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، خىتاي بۇ خىل ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى قايتا ئىسپاتلىدى.

(داۋامى بار)

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3789 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2024 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق