كانادادىكى ئىككى خىتاي تەتقىقاتچى دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتى سەۋەبلىك ئىشتىن بوشىتىلغان بولۇپ، كانادا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 3-مارت خەۋەر قىلىشىچە، كانادا بىخەتەرلىك ئورگىنى ئالدىنقى ھەپتە ۋىرۇسشۇناس خىتاي تەتقىقاتچى چيۇ شياڭگو ۋە ئۇنىڭ ئېرى چېڭ كېدىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان ئەيىبلەشنىڭ تەپسىلاتىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان. مەزكۇر ئىككى خىتاي 2019-يىلى كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك ۋىنىپېگ دۆلەتلىك مىكروبىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىدىن قوغلىنىپ، 2021-يىلى رەسمىي ئىشتىن بوشىتىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىنىپېگدىكى دۆلەتلىك مىكروبىيولوگىيە تەجرىبىخانىسى كانادادىكى بىردىنبىر 4-دەرىجىلىك بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى 4-دەرىجىلىك سەۋىيەگە يەتكەن 15 بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسىنىڭ بىرى ئىكەن.
چيۇ شياڭگو ئالاھىدە پاتوگېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 2018-يىلى «باش ۋالىي يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» بېرىلگەن. بۇ مۇكاپات كانادا بويىچە ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات ئىكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، چيۇ شياڭگو خىتاينى ئۆزى تەتقىق قىلغان ئىبولا ۋىرۇسى گېن تەرتىپى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە بۇنىڭدىن نەپ ئالغان. بۇ مەسىلە كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن باھالانغاندىن كېيىن، چيۇ شياڭگونىڭ ھەرىكىتى كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغان، دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئېرى چېڭ كېدىڭمۇ بىخەتەرلىك كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەنگەن. نەتىجىدە ھەر ئىككى خىتاي ۋىنىپېگ دۆلەتلىك مىكروبىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىدىن قوغلانغان.
كانادا بىخەتەرلىك تارماقلىرى يەنە چيۇ شياڭگونىڭ ئوخشاش ساھەدىكى نۇرغۇن خىتاي ئاپپاراتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقىنى، كانادادىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى خىتايغا يۆتكىگەنلىكىنى ۋە ئۇلاردىن مەنپەئەت ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، چيۇ شياڭگو خىتاي پەن تەتقىقات ئورگانلىرىدىكى خادىملارنى رۇخسەتسىز ھالدا كانادا دۆلەتلىك مىكرو بىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، تەكلىپ قىلىنغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تەجرىبىخانىدىن ۋىرۇس ئەۋرىشكىلىرىنى خىتايغا ئېلىپ كەتكەن.
تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ