ھىندىستان خىتاينىڭ كاراچىغا كېتىۋاتقان بىر يۈك پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، پاراخوتتا يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشتا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر بار، دەپ گۇمان قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئەمەلدارلىرى 2-مارت بومباينىڭ ناۋاشىۋار پورتىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خىتايدىن پاكىستاننىڭ كاراچىغا قاراپ يولغا چىققان يۈك پاراخوتىنى توسۇۋالغانلىقىنى ۋە تۇتۇپ قالغانلىقىنى، مەزكۇر پاراخوتتا پاكىستاننىڭ يادرو ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر بار، دەپ گۇمان قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ھىندىستان «مۇنبەر گېزىتى» ۋە WION تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاموژنا خادىملىرى ئېرىشكەن ئاخباراتقا ئاساسەن، 23-يانۋار مالتانىڭ بايرىقى ئېسىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى توسۇۋالغان بولۇپ، مەزكۇر پاراخوت خىتايدىن پاكىستاننىڭ كاراچى پورتىغا قاراپ يولغا چىققانىكەن. تاموژنا خادىملىرى يۈك پاراخوتىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىتالىيە ئىشلەپچىقارغان كومپيۇتېر رەقەملىك كونتروللىغۇچنى (CNC) بايقىغان بولۇپ، بۇ خىل كونتروللىغۇچ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇلغانىكەن.
بەزى تاراتقۇلار ھىندىستان تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملارنىڭ ئەسلى ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان كومپيۇتېر رەقەملىك كونترول ئۈسكۈنىسى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ مەشغۇلاتى پۈتۈنلەي كومپيۇتېر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى، ئىزچىللىقى ۋە توغرىلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنى ئادەم كۈچى بىلەن تولۇقلىغىلى بولمايدىكەن.
«مۇنبەر گېزىتى» ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى خىتاي پاراخوتىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئۈسكۈنىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانىدا، بولۇپمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈچۈن مۇھىم زاپچاسلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى دەلىللىگەن.
تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ