بابىئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى 2-مارت ئىستانبۇلدىكى رامى كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزگەن «دۆلەتلەرنى تونۇشتۇرۇش كۈنلىرى» پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنىڭ بېشىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى نېمىلەرنى قىلالايمىز، ياشلار نېمە قىلالايدۇ؟» دېگەن نۇقتىلار بويىچە سۆز قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، بۇ خىل ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇنمۇ سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىنى، خىتاينىڭ ئىشغالىيەتتىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يېتىم ۋەقفى رەئىسى مۇرات يىلماز سۆز قىلغاندىن باشقا، پائالىيەتتە يەنە ئىنسانىيەت فىلىم گۇرۇپپىسى تۈلئاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلىگەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»مۇ ئىشتىراكچىلارغا كۆرسىتىلدى.
كۇتۇپخانا زالىدا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر كۆرگەزمە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئالاقىدار سۈرەتلەر تىزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ