ئىلاۋە
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشغالىيەتچى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. بىر تۈركۈم غەرب ئەللىرىنىڭ پارلامېنتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ ۋەھشىي باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلدى. شۇنداقلا ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئالىي كومىسسارلىقى خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ بېكىتتى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغان بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مەلۇم جەھەتتە جازا يۈرگۈزۈلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىگە سودا ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈلدى. نەتىجىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى زور تەسىرگە ئۇچرىغاندىن باشقا، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن بېسىمغا دۇچ كەلدى.
ئەمما خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن ئەيىبلەش، بېسىملارغا قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇردى، زور كۆلەمدە خىراجەت ئاجرىتىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتتى. خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەت رايونلىرى بىلەن خەلقنىڭ ئولتۇراق رايونلىرى، جازا لاگېرى ۋە تۈرمە مەۋجۇت بولغان رايونلارنى ئايرىدى ۋە يالغان تەشۋىقاتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان رايون ئەمەس، بەلكى تىنچ، گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى قىلىپ كۆرسەتتى. ساياھەت رايونلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئائىت ئورۇنلارنى، مۇزېيلارنى تەييارلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقاندەك، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقاندەك قىلىپ كۆز بوياشقا ئۇرۇندى. خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ساختا تەشۋىقاتىنى قاتتىق كۈچەيتتى.
بۇلاردىن سىرت، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، باستۇرۇش سىياسىتى ئاخىرلاشقاندەك چۈشەنچە بېرىشكە تىرىشتى ۋە ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىن چەت ئەلگە چىقاردى. بۇنى كۆرگەن بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئالداندى. ھەتتا مۇھاجىرەتتىكى قىسمەن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئازراق ياخشىلاندى، دەپ خاتا ھېس قىلىشقا باشلىدى.
ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پىداكار شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ 2018-يىلىدىكىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى، خەلقنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماۋاتقانلىقىنى، تۈرمە، لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر شاھىت تەمىنلىگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئىستىقلال خەۋەر تورىدا قىسىمغا بۆلۈپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلىدۇ.
خىتاي يېزىمىزدىكى 18 مەسچىتنىڭ 17 سىنى چېقىپ تاشلىدى
2023-يىلى تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ چەت ئەلگە چىقالىغان، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر شاھىت 2017-يىلى جازا لاگېرىغا قامالغان بولۇپ، لاگېر ۋە تۈرمىدە جەمئىي ئۈچ يىل ياتقان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2018-يىلى خىتاي رېجىمى ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزىدىكى 18 مەسچىتنىڭ 17 نى ئۈچ كۈن ئىچىدە چېقىپ، پەقەت بىر مەسچىتنى قويۇپ قويغان. ئۇ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە شاھىت بولغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېقىلمىغان مەسچىتتە 2017-يىلى يەتتە-سەككىز ياشانغان ئادەم ناماز ئوقۇيدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككىلا ئادەم ناماز ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ بىرى مېيىت يۇيىدىغان ئادەم، يەنە بىرى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئىككى كىشى ھەر كۈنى بەش ۋاق نامازغا كېلىدىغان بولۇپ، بىرەر قېتىم كەلمىگەن تەقدىردە ئەمەلدارلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن نامازغا كەلمىدىڭ، نېمە مەقسىتىڭ، پىلانىڭ بار؟» دېگەندەك سوراقلىرىغا دۇچ كېلىدىكەن. ئىككى ئادەم ناماز ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتنىڭ ئىچى-تېشىدا قوراللىق ساقچىلار قاراپ تۇرىدىكەن. مەسچىت ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلار چەت ئەللىك مۇخبىر ياكى ساياھەتچىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغانىكەن.
شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى كەنت ئاھالىسىنى يىغىپ، بىرىنچى كۈنى ئۇلارنى ئۆز مەسچىتلىرىنىڭ ئىشىك ۋە دېرىزىلىرىنى قومۇرۇپ تاشلاشقا مەجبۇرلىغان. ئىككىنچى كۈنى مەسچىتنىڭ ئۈستىنى ئېچىپ لىم، تورۇس، ۋاسىلىرىنى چۇۋۇپ، بىر يەرگە جۇغلاشقا مەجبۇرلىغان. ئۈچىنچى كۈنى مەسچىتىنىڭ تام، گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىپ تۈزلەشكە مەجبۇرلىغان. بۇ جەرياندا ئىشقا كەلمىگەن ياكى نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان.
خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلغانىدى. جۈملىدىن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن، ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتكەن. مەزكۇر شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ يۇقىرىقى مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قايتا ئىسپاتلىدى.
(داۋامى بار)
تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ