تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان «چېگرا ھالقىغان ئاياللار قېرىنداشلىقى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش» سەرلەۋھەلىك دوكلاتنىڭ مالايچە نۇسخىسى 1-مارت مالايشىيادا تونۇشتۇرۇلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABİM)، راجا تۇن ئۇدا كۇتۇپخانىسى، ئابىم نەشرىياتى، سېلانگور دۆلەت كۇتۇپخانىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقى بىلەن، سېلانگور دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان «چېگرا ھالقىغان ئاياللار قېرىنداشلىقى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش» سەرلەۋھەلىك دوكلاتىنىڭ مالايچە نۇسخىسى تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىنغا مالايشىيادىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن قىز-ئاياللار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر، دەپسەندىچىلىكلەر تونۇشتۇرۇلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 2-مارت يەنە مالايشىيا ئىسلامىي تەشكىلاتلار شۇرا كېڭىشى رەئىسى جىگۇ ئەزمىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا جىگۇ ئەزمى ئەپەندى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردە مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3022 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2024 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق