ئاۋسترالىيە: خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا ساقچىلىق رولىنى ئېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك

ئاۋسترالىيە مىنىستىرى پات كانروي خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا بىخەتەرلىك ساقچىسى رولىنى ئوينىشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى پات كانروي خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە رول ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئاۋسترالىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەربىيەلەپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىرىباتىدىكى يەرلىك ساقچىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئامېرىكا 26-فېۋرال تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. كىرىباتىنىڭ مۇۋەققەت ساقچى باشلىقى ئېرى ئارىتىيېرا ئالدىنقى ھەپتە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا فورما كىيگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىرىباتى ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەھەللە ساقچىلىرى ۋە جىنايەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تۈرىدە ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كىرىباتىدا ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى يوق ئىكەن. ئەمما ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى يېڭى ساقچى رادىيو تورى ۋە ساقچى گازارمىسىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە قىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى دېڭىز بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى كىرىباتى ساقچىلىرىغا ئىئانە قىلىنغان چارلاش ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش كېمىسىنىڭ ئاسراش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كىرىباتىنىڭ نوپۇسى 115 مىڭ بولۇپ، ئەڭ يېقىن ئارال بولغان ھونولۇلۇنىڭ جەنۇبىدىن 2160 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خىتاي تىنچ ئوكياندىكى مەزكۇر ئارال دۆلىتى بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى قايتىدىن كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1778 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2024 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق